فىلىپپىن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى چارلاش پاراخوتلىرىغا چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلدى

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تەرەپتىن جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىگە چارلاش پاراخوتلىرى ئەۋەتكەنلىكىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.01.09

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالبېرت روسارىئونىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى مول دېڭىز تەۋەلىكىگە چارلاش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىشى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى يېڭى جىددىيچىلىكلەرگە سەۋەب بولغان.

خىتاي ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ چارلاش كېمىلىرى 27-دېكابىر خەيكۇ شەھىرىدىن جەنۇبىي دېڭىزغا قاراپ چارلاشقا يول ئالغان.

خىتاي تەرەپ بۇنى «ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىنى قوغداش» دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما فىلىپپىن ھۆكۈمىتى قوغدىلىدىغان رايون تەۋەلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان.

روسارىئو مۇنداق دېدى: ھەممەيلەن شۇنداق غەزەپلەندۇق، بىئارام بولدۇق. شۇڭا بىز ئۇلاردىن بۇنى شەرھلەشنى تەلەپ قىلدۇق، ئەمما ئۇلاردىن ھازىرغىچە سادا يوق.

خىتاي بەلگىلەنگەن خەلقئارا قانۇن-مىزانلارغا خىلاپ ھالدا جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپىنچە قىسمىنى ئۆزىنىڭ، دەپ ئېلان قىلىپ مەزكۇر دېڭىز بىلەن چېگرىلىنىدىغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ چىشىغا تەگمەكتە ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.