خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ساقچىلار ۋەقە گۇماندارى دەپ قارالغان بىر كىشىنى تۇتقان؛ ئەمما گۇماندارنىڭ كىملىكى، چېتىشلىق كىشىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.
ۋەقە چېڭدۇ شەھىرىدىكى Shuangqiao يەنى قوش كۆۋرۈك دېگەن جايدا يۈز بەرگەن. نۆۋەتتە مەزكۇر سودا بازىرى ۋە ئەتراپتىكى كوچىلار ساقچىلار تەرىپىدىن قامال قىلىنغان. ۋەقە ئەتراپتىكى ئاھالىلەردە قاتتىق ئەنسىزچىلىك پەيدا قىلغان.
2008 - يىلىدىكى ئولىمپىك ھارپىسىدا خىتاي بىلەن فرانسىيە ئارىسىدا تىبەت مەسىلىسى توغرىلىق ئىختىلاپ يۈز بەرگەن. ئەنە شۇ چاغدا خىتايدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر فرانسىيىنىڭ Carrefour شىركىتىنى جازالاش ھەققىدە ئاممىۋى ھەرىكەت باشلىغان ئىدى، ھەتتا مەزكۇر شىركەتنىڭ بەزى شەھەرلەردىكى سودا بازارلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ ئەنە شۇ ئولىمپىك مەزگىلىدىكى خاپىلىقنىڭ داۋامى ۋە ياكى شىركەتلەر ئارا رىقابەتتىن كېلىپ چىققان تەھدىت خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئىكەنلىكى ھازىرچە ئېنىقسىز ھالەتتە تۇرماقتا.