بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇربىز تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىلھام توختى دائىرىلەرنىڭ غەيرەت نىيازنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇرۇمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ پەيشەنبە كۈنى سوتلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.
پەيشەنبە كۈنى مەركىزى نيۇيوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، غەيرەت نىيازنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. غەيرەت نىياز 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن خوڭكوڭ مۇخبىرلىرىغا بايانات بېرىپ، ۋەقەدىن بۇرۇن نۇر بەكرىنى ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، لېكىن نۇرنىڭ بۇنىڭغا قۇلاق سالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، غەيرەت نىياز "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلەنگەن. دۇنيا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى بولسا "غەيرەت نىيازنىڭ بىر ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغانلىقى"نى بىلدۈردى.