ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەر پەنجىم ساقچىخانىسىغا كېچىدە يوشۇرۇن كىرىپ، ئالدى بىلەن ساقچىخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامېرا سىستېمىسىنى بۇزۇۋەتكەن. ئارقىدىن 2 دانە تاپانچا ۋە 50 پاي ئوقنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.
مۇخبىرىمىز ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پەنجىم يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلغىنىدا، ساقچىخانا باشلىقى ئابلەت ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئاشكارىلىغان، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئورگانلىرىدىن ئېنىقلاشنى تەۋسىيە قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە ۋەقەنىڭ، ئاقسۇدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەزگىلگە توغرا كېلىشى ئالاقىدار تارماقلارنى ساراسىمگە سالغان. مۇخبىرىمىز يەنە ۋەقە ھەققىدە يەرلىك ئاھالىلەردىن مەلۇمات سورىغاندا، ئاھالىلەر، ۋەقە ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا يېزا ئەتراپىدا ۋەقە توغرىلىق جىددىي تەكشۈرۈش ۋە سوراقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بايقالماقتا.