گوگۇلنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى خىتايدا كاشىلىغا ئۇچرىدى
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.07.01
2010.07.01
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى ئابونتلار گوگۇل سەھىپىسىگە كىرگىنىدە "گوگۇلنىڭ تەۋسىيە قىلغان سەھىپىلىرى" دەيدىغان ئالاھىدىلىكىنى ئىشلىتەلمىگەن. گوگۇلنىڭ باياناتچىسى جېسسىكا پاۋىل "گوگۇلنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى كاشىلىغا ئۇچرىتىلدى" دەپ بىلدۈردى.
ئۆتكەن ئىككى ئايدىن بېرى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپ بىلەن تىركىشىپ كېلىۋاتقان Google شىركىتى خىتايدىكى ئىزدەش مۇلازىمېتېرىنى خوڭكوڭدىكى مۇلازىمېتېرىغا يۆتكىگەن. ئەمما، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغىمۇ ئۇنىماي گوگۇلنىڭ رۇخسىتىنى بىكار قىلىش بىلەن تەھدىت قىلغان. نەتىجىدە گوگۇل بىر قەدەم كەينىگە چېكىنىپ، ئابۇنتلار "ئۆزى خالىغان تەقدىردە" ، ئاندىن ئۇلارنى گوگۇلنىڭ خوڭكوڭ مەركەزلىك ئىزدەش ماتورىغا ئۇلاشتۇرىدىغان بىر سەھىپە چىقاردى.
خىتاي دائىرىلىرى ئىنتېرنېت ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى كۈندىن - كۈنگە ئاشۇرۇپ بارماقتا. ئۇلار بىر ياقتىن تور سەھىپىلىرىنى چەكلىسە، يەنە بىر ياقتىن تور ئابونتلىرىنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنى يىغىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتمەكتە. يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، توردا ئويۇن ئويناش ئۈچۈن كىرگەنلەرگىمۇ ئالدى بىلەن كىملىكىنى تىزىملىتىش شەرتىنى قويدى. ئۇلار بۇ قارارىنى ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ تور ئويۇنلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەپ كۆرسەتتى.