گوگۇل، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاي قاتارلىق ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى قامال قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى

گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى تۈنۈگۈن بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنى، خىتايغا ئوخشاش ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى قامال قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.11.16

چاقىرىقتا ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى چەكلەشنى، 21 ‏- ئەسر دۇنيا تىجارىتىدىكى چوڭ بىر توساق دەپ ئەيىبلىدى. دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋە ۋېيتنام قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى قامال قىلىشى 10 يىلنىڭ ئالدىدىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا 10 ھەسسە كۈچەيگەن.

دوكلاتتا، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت چەكلىمىسى دۇنيا تىجارىتىدە ئادالەتسىز رىقابەتكە سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇچۇر - ئالاقە چەكلىمىسىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن سودا توختامى تۈزگەندە، ئىنتېرنېت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى شەرت قىلىپ قوشۇشنى تەۋسىيە قىلغان ۋە بۇنداق قىلمىغاندا ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەردىكى سودا مەنپەئەتىنى قوغدىيالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
 
گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدىمۇ خىتاينىڭ ئىنتېرنېت چەكلىمىسىگە قارشى تۇرغان ۋە ئۇ چاغدا مەسىلىنى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.