گۇئاڭدوڭلۇقلار ئۆز شىۋىسىنى قوغداش ئۈچۈن يەنە نامايىش قىلدى

1 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇئاڭجۇ شەھىرىدە بىر قانچە مىڭ كىشى يەنە ئۆز تىل شىۋىسىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. ببس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەسلىدە بۇ نامايىش گۇئاڭجۇ شەھىرىدىكى خەلق باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلۈش پىلانلانغان بولسىمۇ، بىراق ساقچىلارنىڭ توسالغۇسى بىلەن نامايىشچىلار بېيجىڭ كوچىسى ئەتراپىدا مېڭىش ئۇسۇلى بىلەن نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.08.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

گۇئاڭدوڭلۇقلارنىڭ بۇنداق ئۆز شىۋىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداش نامايىشى ئۆتكەن ھەپتىدىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەت بىر ھەپتىدىن بۇيان تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن داۋاملاشقان. ساقچىلار يەكشەنبە كۈنىدىكى نامايىشچىلارنى قورشىۋالغان. ھەتتا ئۇلار خوڭكوڭنىڭ بىر تېلېۋىزىيە مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنى تۇتقۇنلۇقق ئالغان.

بۇ كۈنى يەنە 150 دىب ئارتۇق خوڭكوڭلۇق گۇئاڭدوڭ شىۋىسىنى قوغداش نامايىشى ئۆتكۈزگەن. نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئاڭدوڭچىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئورتاق تىلنى تىكلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى گۇئاڭدوڭچىنى خەنزۇ تىلىنىڭ بىر شىۋىسى دەپ قارايدۇ، ئەمما گۇئاڭدوڭلۇقلار ئۇنىڭغا خۇددى "ئايرىم تىلدەك سالاھىيەت بېرىلىشى"، كېرەك دەپ ھېسابلايدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.