گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن يەنە ئىككىسى پالاۋغا بارماقچى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.09.19
2009.09.19
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پالاۋنىڭ كورور شەھەرچىسىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما گۇەنتانامودىكى ھەربىي تۈرمىنى تاقاشنى قارار قىلغاندىن كېيىنمۇ، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن 2001 - يىلى ئافغانىستاندىن تۇتۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلاردىن 13 ى تېخىچە گۇەنتانامودا 'دۈشمەن جەڭچىسى' دېگەن نام ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتاتتى. ئۇلاردىن ئىككى كىشى بۈگۈن پالاۋغا بېرىشقا قوشۇلدى.
ئامېرىكىلىق ئادۋوكات ئېرىك تىرشۋېلنىڭ ئېيتىشىچە، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 4ى ئۆتكەن ئايدا پالاۋغا بېرىشقا قوشۇلغان ئىدى. بۈگۈن يەنە ئىككى ئۇيغۇر پالاۋغا بېرىشقا ماقۇل بولدى. ئامېرىكا ھازىر گۇەنتانامودا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مەڭگۈلۈك ماكان ئىزدەۋاتىدۇ.
پالاۋ تىنچ ئوكياندىكى فىلىپپىن ئاراللىرىنىڭ شەرق تەرىپىدە 800 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بىر گۈزەل ساياھەت ئورنى، ئۇنىڭدا 8 ئارال ۋە 250 تىن ئارتۇق كىچىك سوزۇنچاق قۇرۇقلۇق بار، بۇ ئاراللار دېڭىز تەكتىگە چۆكۈپ كېرىپ چارلايدىغان ئىلمىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە.