گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشى قارار قىلىندى

7 - ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتىدا گۇئانتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكىغا دەرھال قويۇپ بېرىلىشى قارار قىلىندى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ 10 - ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يەتكۈزۈلۈشى بۇيرۇلدى.

يەتتە يىلدىن بۇيان گۇئانتانامودىكى ھەربىي تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى ئۈستىدە ئېچىلغان مەزكۈر سوتقا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە خانىم باشلىق ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئەربابلارمۇ قاتناشتى. مەزكۈر خەۋەر , CNN, AFP, VOA قاتارلىق داڭلىق خەلقئارالىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بۈگۈنكى نۇقتىلىق خەۋىرىگە ئايلاندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ مەزكۈر قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىڭ گاڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا " بىز ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۇيغۇر تېررورچىلارنى جۇڭگونىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز " دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىگە ئەسلى 22 ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئاقلانغاندىن كېيىن، بۇلارنىڭ بەش نەپىرى2006 - يىلى ئاقلىنىپ ئالبانىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن. بۈگۈن ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشى قارار قىلىنغان بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇرنى باشقا ھېچقانداق دۆلەت قوبۇل قىلمىغان شارائىتتىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق مەتبۇئاتلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، " بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئامېرىكىنىڭ قانۇن ھەم ئەدلىيە سېستىمىسىنىڭ ئادىللىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى ۋە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ قارىلىشىنىڭ پۈتۈنلەي يالغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئېچىپ بەردى " دېدى.

خەۋەرلەردىن كېيىن، گۇئانتاناموغا قامالغان 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن سوتنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات ئاڭلىتىمىز.