ئاقساراي گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىنىڭ چىقىش يولى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقساراي مەسلىھەتچىسى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 2008- يىلى پرېزىدېنت سايلىمىدىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز ھالدا گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنغان تۇتقۇنلاردىن بىر قىسمى قويۇپ بېرىلىپ، باشقا دۆلەتلەرگە يەرلەشتۈرۈلگەن.

2001-يىلىدىكى ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ يەرگە 22 نەپەر ئۇيغۇر ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى «دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس» دەپ ئېلان قىلغان. ھازىرغىچە بۇلاردىن 17 نەپىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالبانىيە، بېرمۇدا، پالوۋ، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ھازىر گۈەنتانامو تۈرمىسىدە يەنە 5 نەپەر ئۇيغۇر قالغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىگە يەرلىشىشنى تەلەپ قىلىۋاتماقتا ئىكەن.