گۇگۇل شىركىتى خىتايدىكى ئىزدەش ماتورىنى تاقاشنى ئاساسەن مۇقىملاشتۇرۇپ بولغان

خىتايدا ئاۋارىچىلىككە يولۇققان گۇگۇل شىركىتى خىتايدىكى ئىزدەش ماتورىنى تاقاشنى ئاساسەن مۇقىملاشتۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.03.13

"ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى"دە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، گۇگۇل شىركىتى بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئىنتېرنېت چەكلىمىسى ۋە گوگۇلنىڭ خاككېرلار ھۇجۇمغا ئۇچراش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبەتلەر ئاخىرقى چەككە يېتىپ قىلغان.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، گۇگۇل ئۆز تورىدا بۇ ھەقتە بەرگەن ئۇقتۇرۇشىغا، خىتايدىن قانداق چېكىنىش توغرىسىدا تەپسىلىي پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي دائىرىلىرى گوگۇلنى جۈمە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر گۇگۇل خىتايدا يەنە داۋاملىق سودا قىلىمەن دەيدىكەن، خىتاينىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

بۇ يىل يانۋاردا گۇگۇل شىركىتىنىڭ خىتاي تارمىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت ئىزدەش ماتورىغا قاراتقان چەكلىمىسى ۋە گۇگۇل ئابۇنتلىرىنىڭ ئېلخەت ھېساۋاتلىرىغا قاراتقان ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىنى ئاياغلاشتۇرمىسا خىتايدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

شۇندىن كېيىن گۇگۇل مەسىلىسى ئامېرىكا - خىتاي سۆھبەتلىرىدىكى نازۇك تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، گوگۇلنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىن خەۋەردار بىر خادىم گوگۇلنىڭ خىتايدىن چىقىپ كېتىش ياكى چىقىپ كەتمەسلىك قارارىنى پات ئارىدا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.