گۇما موكۇيلا يېزىسى ۋەقەسىدىكى بالىلارنىڭ بىرىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ گۇما مۇكۇيلا يېزىسىدىن ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىدىن، 28-دېكابىر مۇكۇيلا ۋەقەسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 5 بالىنىڭ بىرىنىڭ گۇما مۇكۇيلا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مەمەت ئابلىكىم ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مەمەت ئابلىكىم بۇ يىل 9 ياش بولۇپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 22-دېكابىر كۈنى مەكتەپتىن 2 كۈنلۈك رۇخسەت سورىغان. ئەمما ئۇ 5 كۈنگىچە مەكتەپكە كەلمىگىنى ئۈچۈن، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئادەم ئەۋەتىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن. نەتىجىدە مەمەت ئابلىكىمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ 28-دېكابىر ۋەقەسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، شۇ قاتاردا مەمەت ئابلىكىمنىڭمۇ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان.

نۆۋەتتە گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى 28-دېكابىر ۋەقەسىدە تۇتۇلغانلار ئىچىدە بالىلارنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما بۇ بالىلارنىڭ كىملىكىنى يۇقىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن رادىئومىز مۇخبىرى يەنە گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدىمۇ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۈگۈنكى مەخسۇس سەھىپىلەر بويىچە بېرىلىدىغان ئاڭلىتىشىمىزدا بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتنى ئاڭلايسىلەر.