ھىندىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 1970 - يىللاردا ماۋ زېدۇڭ ھىندىستان ئىنقىلابىغا ئىلھام بېرىش دېگەن نام بىلەن پارتىزان تەشكىللىگەن. بۇ ماۋچىلار ھىندىستاندا 'ناشاللار' دەپ ئاتىلىدۇ.
ماۋچىلار ھازىرغا قەدەر ھىندىستاندىكى 28 شىتاتنىڭ 20 سىدە يۇشۇرۇن ھۇجۇم قوزغاش ئارقىلىق 2000 دىن ئارتۇق ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ بولدى. بۇ ماۋچىلارنىڭ سانى ھازىر 20 مىڭ ئەتراپىدا. ئۇلار يىراق يۇرتلاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتا چىقىپ ھۆكۈمەتكە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغاپ كېلىۋاتىدۇ.