خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوبامانىڭ ئىككى كورىيە ئارىلىقىدىكى ھەربىيدىن خالى رايوننى كۆزدىن كۆچۈرۈشى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇۋاتقان 28 مىڭ ئەسكىرى ئۈچۈن چوڭ رىغبەت بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ شىمالىي كورىيىگە، كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلماسلىق توغرىسىدا بېرىدىغان ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ قالىدۇ.
سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش 2002-يىلى پانمۇنجوم مەھەللىسىنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە، 53-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان بۇ مەھەللە، شىمالى كورىيە ئۇرۇش جىددىيلىكى پەيدا قىلىدىغان جايغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، شىمالىي كورىيىنى يالماۋۇزلۇق زەنجىرىنىڭ چىشلىق چاقى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.