شۋېتسارىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئىككى ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈنكى شۋېتسارىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى ئاكا - ئۇكا مەھبۇسلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-01-26
Share

شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن بەختىيار ماخمۇت ۋە ئەركىن ماخمۇتتىن ئىبارەت ئىككى ئاكا - ئۇكا مەھبۇسنى شۋېتسارىيگە قوبۇل قىلىشنى ئويلۇشىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

بۈگۈن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سودا سۆھبىتىدە شۋېتسارىيە پرېزىدېنتى دورىس لېئۇتارد، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىچېلىنە رېي، ۋە خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭلار ئۇچراشقان. سۆھبەت پرېزىدېنت دورىس ئىككى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ۋە تەرەپلەر بۇ ھەقتە پىكىرلىرىنى بايان قىلىشقان. ئەمما سۆھبەت داۋامىدا ئىككى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە كونكېرت نېمىلەر دېيىلگەنلىكى خەۋەردە بايان قىلىنمىغان؛ پەقەت ئىككى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يىغىننىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي ئۆتكەن ھەپتىدىكى باياناتىدا، گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى ۋە تېررورچىلىق گۇماندارلىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇۋېتىلىشىگىمۇ ھەرقانداق بىر دۆلەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىغىمۇ قارشى ئىكەنلىكىنى؛ ئۇلارنىڭ پەقەت خىتايغا قايتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.