ئۇ شى جىنپىڭ ۋە باشقا خىتاي رەھبەرلىرىنى ئامېرىكا بىلەن مەزكۇر مەسىلىدە دىئالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان.
ھازىر، خىتايدىن كېلىۋاتقان خاككىرلىق ھۇجۇملىرىنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىق ئامېرىكىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى نىشان قىلغان ئىكەن.
ئامېرىكا دائىرىلىرى خاككىرلىق ھۇجۇملىرى مەسىلىسىدە خىتاينى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى ماندىيات ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى شىركىتى مەسئۇلىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك چاقىرىقلىرىنىڭ ئەكسىچە، خىتاينىڭ خاككىرلىق ھۇجۇم ئىستراتېگىيىسى ۋە تېخنىكىسى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھۇجۇملار پەقەت سىستېمىلار ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرىپ، جاسۇسلۇق قىلىشنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇچۇر سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
لىئون پانېتتا خاككىرلىق ھۇجۇم مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، خىتاي تەرەپ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما بىر رەسمىي كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا پەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇردى.