ئىراق خەلقى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەنتەنە قىلدى

ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ئېراققا ئۇرۇش قوزغاپ 6 يىلدىن كېيىن 29 - ئىيۇن كېچىدىن باشلاپ ئېراقنىڭ چوڭ‏ - كىچىك شەھەرلىرىدىن ئايرىلىشقا باشلىدى. ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتىكى چوڭ باغچىغا يىغىلغان نەچچە مىڭلارچە خەلق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنگەنلىكىنى تەنتەنە قىلىشقان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە سەيشەنبە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا قىسىملىرى 30 - ئىيون كۈنىگىچە باغداتتىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ بولۇشى شەرت بولۇپ، ئېراق ھۆكۈمىتى بۇ كۈننى دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇق كۈنى قىلىپ خاتىرىلەشنى جاكارلىغان. نۆۋەتتە باغداتتىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئېراق قىسىملىرى دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالقان بولۇپ، ئىراقنىڭ دۆلەت ۋەزىيىتى تۇراقلىق ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم ئىراقنىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنىڭ شانلىق بىر تارىخ بولىدىغانلىقى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ھەر ۋاقىت ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ ئېراقتىكى ھەربىي ھەرىكىتى 2010 - يىلى 9 - ئايدا تاماملىنىدۇ، باشقا دۆلەتلەرمۇ ئىراقتىن ئەسكەرلىرىنى 2011 - يىلىغا قەدەر پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈپ بولىدۇ، بۇ ئارىلىقتا قالغان بىر قىسىم ئامېرىكا ئەسكەرلىرى شەھەر سىرتىدىكى ھەربىي بازىلاردا ئېراق ئەسكەرلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ۋاقىتلىق قالدۇرۇلىدۇ.

نۆۋەتتە ئىراقلىقلار پايتەخت باغداتتىكى چوڭ ‏ - كىچىك باغچا، ئاپتوموبىل، ئاپتوبۇسلارغا ئېراقنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىپ، بەزى شەھەرلەردە پاراتتىن ئۆتۈشكە ئوخشاش تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى داۋام ئەتمەكتە.