مەتبۇئاتلاردا جۇ يۇڭكاڭنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالماقتا

17-ئاپرېل كۈنى ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىدا بېيجىڭدىكى نامەلۇم سىياسىي ئەربابنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنلەردە سىياسىي بيۇرونىڭ ئىككى كۈنلۈك كېڭەيتىلگەن مەخپىي يىغىنىنى چاقىرىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلغانغا قەدەر، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مەركىزى بيۇرونىڭ دائىمىي ئەزاسى جۇ يۇڭكاڭغا قارىتا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 10-ئاپرېل كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، سابىق چۇڭچىڭ شەھەر باشلىقى بو شىلەينىڭ ئاخىرقى ۋەزىپىسى خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، خىتاي تور بېكەتلىرىدە بو شىلەينىڭ بىۋاسىتە ئارقا تىرىكى بولغان جۇ يۇڭكاڭنىڭ چىرىكلىكىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر كۆپەيگەن ئىدى.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، بو شىلەينىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ بۇ ئائىلىنىڭ ئۇزۇن يىللىق شېرىكى ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېئېل خېيۋودنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى قاتارلىق خەۋەرلەردىن باشقا، بو شىلەينىڭ ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا، ئۇنىڭ جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە 18-قۇرۇلتاي ئېچىلغانغا قەدەر، خىتايدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشنى پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ كۆپەيگەن ئىدى.