غۇلجا شەھىرىنىڭ پەنجىم يېزا ئارا مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر بېقىمچى ئائىلىنىڭ 22 ياشلىق ئوغلى سەيدۇللا ئۆتكەن ھەپتە، كالا سېغىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىۋاتقاندا توك سوقۇۋېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.
مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يېزا رەھبەرلىرى مەھەللىدىكى بېقىمچى ئائىلىلەرنى كالا سېغىشتا ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە كالا سېغىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىغان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بېقىمچىلارنىڭ كالا سېغىش ماشىنىسىنى ئۆزلىرى تاللاپ سېتىۋېلىشىغا يول قويمىغان. ئارا مەھەللىدىكى بېقىمچىلارغا زورلاپ سېتىلغان بۇ ماشىنىلارنىڭ تېخنىكىلىق قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولمىغاچقا، بۇ قېتىمقى پاجىئە كېلىپ چىققان.
نۆۋەتتە سەيدۇللانىڭ ئاتا-ئانىسى، سۈپەتسىز كالا سېغىش ماشىنىسىنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقچى بولغاندا، يېزا رەھبەرلىرى ۋە شەھەرنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ئۇلارغا تۈرلۈك تەلىم - تەربىيىلەر بىلەن توسقۇنلۇق قىلماقتا. ئەمما، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر بولسا، يېزا رەھبەرلىرىنىڭ مەزكۇر ماشىنىلارنى سېتىۋېلىش جەريانىدا ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتلاردىن پارا ئالغانلىقىنى، شۇڭا ئۇ زاۋۇتلارغا بېرىپ ئەرز قىلىشقا تىلى قىسقا كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما، خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنىدا، دېھقان -چارۋىچىلارغا ئىشلەپچىقىرىش پىلانى ۋە ئۇسۇلىنى مەجبۇرلاشقا بولمايدىغانلىقى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئۆزلىرى ئەركىن سېتىش ۋە سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئېنىق بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھاياتىدىن ئايرىلغان سەيدۇللا مۇسىبەتلىك ئائىلىنىڭ ئىككى پەرزەنتىدىن بىرى. نۆۋەتتە سەيدۇللانىڭ ئاتا-ئانىسى ئەل-جامائەتكە، ئوغلىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان زاۋۇت ھەم يېزا رەھبەرلىرى ئۈستىدىن داۋا ئاچىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق بىر تەھدىتنىڭ ئۇلارنى بۇ يولدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.