ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېنزىن باكىنىڭ پارتلاپ مۇنچىۋالا ئادەمنىڭ ئۆلۈشىدىكى سەۋەب، ماشىنىدىكى باك ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىكى بېنزىنلار ئېقىشقا باشلىغاندا، ئەتراپتا ياشايدىغان كۆپ ساندىكى ئادەملەر بىكارلىق بېنزىنغا ئېرىشىش ئۈچۈن بېنزىن باكىدىن ئېقىۋاتقان بېنزىنلارنى قاچىلاشقا باشلىغان. مانا دەل مۇشۇ پەيتتە باك پارتلاپ كەتكەن.
كېنىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھازىر ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 94 نەپەر، يارىدارلارنىڭ 178نەپەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، بىراق باشقا مەنبەلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ 111 دىن ئاشقانلىقى ھەمدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
نۆۋەتتە، ۋەقەنىڭ سەۋەبى ئېنىقلانماقتا. كېنىيىدىكى قىزىل كرىست جەمئىيىتى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ تاماكا تاشلاشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق ۋەقەنى كۆرگۈچىلەردىن بىرى ئادەملەر بېنزى قاچىلاشنى باشلىغاندا، ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقى، دەل شۇ پەيىتتە يامان نىيەتلىك ئادەم بېنزىنغا ئوت ياققان بولۇشى مۇمكىن.
ئەڭ پاجىئەلىك يېرى شۇكى، مولو شەھىرىدە بىرمۇ ئوت ئۆچۈرۈش ئورنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن يېقىن باشقا جايلاردىكى ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر كەلگىچە بىر سائەت كەتكەن، پارتلاشتىن كېيىن ئوت بىر قانچە سائەت كۆيگەن.
