كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتى خىتاينى ئەيىبلىدى

مەركىزى خوڭكوڭدىكى «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى» تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان بېسىمنى ئاشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوكلاتتا 2010-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي بېسىمنى ئىلگىرىكى يىللاردىن تېخىمۇ بەك ئاشۇرغانلىقى، شاڭخەي يەرمەنكىسى، 4 ئىيۇن خاتىرە كۈنى ۋە ليۇ شاۋبوغا نوبېل مۇكاپاتى بېرىلگەن كۈنگە ئوخشاش سەزگۈر كۈنلەردە ساقچى ئورگانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە زەربە بېرىپ، ئۇلارنى نەزەربەند قىلىش، قانۇنسىز قولغا ئېلىش ياكى ئۇلارنى غايىب بولۇشقا مەجبۇرلاشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى رىنى شيا بەرگەن باياناتىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىۋاتقان ۋاسىتىلىرىنىڭ بارغانسېرى قەبىھلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2010-يىلى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى قولغا ئېلىش ۋەقەسى 3544 ئادەم قېتىمغا يەتكەن. 36 كىشى «غايىب» قىلىۋېتىلگەن.

مەركىزى خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق تەشكىلات دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، كىشىلەر ئۈستىدىكى بېسىمنى ئازايتىپ، تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىشقا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا زەربە بېرىشنى توختىتىشقا چاقىردى.