بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى بايانات ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى بۇ ھەپتە 2010- يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا 2010- يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن ئېغىر بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا 2010-يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە بىر قىسىم دىكتاتور دۆلەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن داۋاملىق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوغداش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، 2010- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، دېموكراتىك زاتلار ھەم ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە نارازى بولغۇچىلارنى ئەڭ قاتتىق باستۇرغان بىر يىل ھېسابلىنىدىكەن. بولۇپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى ھەم مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشى، خىتايدا پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قامال قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھەم ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلارنى، مۇخبىر، يازغۇچىلارنى تەقىب ئاستىغا ئېلىپ، ھەتتا ئۇلارنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى، خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى يەنىمۇ ناچارلاشتۇرغان ئامىللاردىن ھېسابلىنىدىكەن.