ئۇيغۇر ئېلىدىكى شېنخۇا كۆمۈر كان شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەندى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى شېنخۇا كۆمۈر كان چەكلىك شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى ليۇ بوكۇن چىرىكلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.11.01

تۈنۈگۈن بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا خەلق سوتى تەرىپىدىن كۆرۈلگەن داۋادا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر كان شىركىتىدە رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە شىركەت مالىيىسىدىن 30 مىليون سوم خىيانەت قىلىپ، شەخسى قورۇ-جاي ئالغانلىقى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم تىجارەت تۈرلىرىگە مەبلەغ سالغانلىقى، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن زور مىقداردا پارا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتايدا چىقىدىغان خەلق كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن ليۇ بوكۇن خېبىيلىق بولۇپ، ئۇ 2005-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر كان شىركىتى بولغان شېنخۇا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولۇپ تۇرغان. ئۇ 2011-يىلى 23 ‏-مارتتا بېيجىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ داۋاسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش داۋام قىلىۋاتقان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «پاكلىق قۇرۇلۇشى» غا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق بىلەن شۇغۇللانغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ھەرقانداق بىر خىتاي ئەمەلدار ئۈچۈن خىيانەتچىلىك قىلىشنىڭ ئادەتتىكى بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، يۇقىرىقىدەك جازالانغانلارنىڭ پەقەتلا چوڭ خىيانەتچىلەرنى قوغداش يولىدا قۇربان قىلىنغانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.