بىر قىسىم دۆلەتلەر جۈمە كۈنى شىمالىي كورىيىنى يېڭى پىلان قىلغان سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

بىر قىسىم دۆلەتلەر جۈمە كۈنى شىمالىي كورىيىگە بېسىم ئىشلىتىپ، يېڭى پىلان قىلىنغان سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇلار، ئەگەر شىمالىي كورىيە بۇ ئۇزۇن مۇساپىلىك راكېتا بىلەن يوللىنىدىغان سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىشتىن ۋاز كەچمىسە، بۇنىڭ شىمالىي كورىيىگە بېرىلىدىغان ئاشلىق ياردىمى ۋە باشقا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.03.17

شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى كېلەر ئايدا ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان راكېتا بىلەن بىر سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا يوللايدىغانلىقىنى قارار قىلغان. شىمالىي كورىيىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك راكېتانى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشكە ئىشلەتمەكچى بولۇشى ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى جىددىيلەشتۈرگەن ئىدى.

يېقىندا شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى ئامېرىكىدىن ئاشلىق ياردىمى ئېلىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا ۋە ب د ت مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈشىگە قوشۇلغان ئىدى.

تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېكتورىيە نۇلاند شىمالىي كورىيىنىڭ يېڭى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش پىلانىنىڭ ئاشلىق ياردەم بېرىش قارارىغا دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە شىمالىي كورىيىنىڭ مەزكۇر پىلانىنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.