بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە جۇڭگو مەدەنىي يادىكارلىقلار ئالماشتۇرۇش مەركىزى بىلەن جەنۇبىي كورىيە دۆلەتلىك مەركىزى مۇزىي تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. كۆرگەزمە 12-ئاينىڭ 17 - كۈنى ئېچىلىدىكەن. "يىپەك يولىدىكى بۈيۈك مەدەنىيەتلەر" نامىدىكى مەزكۇر كۆرگەزمىگە خىتاينىڭ دۆلەت مۇزىيى، گەنسۇ ۋە نىڭشيا ئۆلكىلىك مۇزىيلاردىن 200 دانە مەدەنىي يادىكارلىق قويۇلسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئىلىغا ئائىت مەدىنىي يادىكارلار ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
كۆرگەزمىگە قويۇلىدىغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەدەنىي يادىكارلىقلار تۇرپان يارغۇل، ئاستانە، كرورەن، چەرچەن زاغۇنلۇق، خوتەن قارادۆڭ قەدىمقى بۇتخانىسىدىن تېپىلغان يىپەك بۇيۇملار، يازما يادىكارلىقلار، ئالتۇن بۇيۇملار، ياغاچ ئەسۋاپلار ۋە رەسىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسىدىكى مەزكۇر پائالىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلار كۆرگەزمىگە قويۇلىدىغان بۇيۇملارنىڭ ئىچىدە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن يادىكارلىقلار بۇنىڭدىن 3500 يىل بۇرۇنقى دەۋىرگە ئائىت ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى22 دانە بۇيۇم 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىقلار تۈرىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، كۆرگەزمىگە قويۇلىدىغان 145 دانە مەدەنىي يادىكارلىقنىڭ كونكرېت قايسى بۇيۇملار ئىكەنلىكى ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلىدىغان مەدەنىيەت تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى 5"- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ كۆرگەزمە قىلىشنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، لېكىن كۆرگەزمىگە تاللانغان بۇيۇملار كۆرگەزمىنى كۆرگەن ئۇيغۇرلاردا تۈرلۇك گۇمانىي قاراشلارنى پەيدا قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق موزىيى ئۆتكەن يىلى كالىفورنىيە شتاتىدىكى بوۋېرس مۇزىيىدا ئاچقان كۆرگەزمىدە خىتاينىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئىلىنى باشقۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئالغا سۈرۈدىغان بۇيۇملار قويۇلغان ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تارىم مەدەنىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خۇنۈكلەشتۈرۈلگەن.