لىۋىيە يەكشەنبە كۈنى ئازادلىق جاكارلايدىكەن

لېۋىيىنىڭ بىر ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى رەھبەرلەر يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن لېۋىيىنىڭ كازافىي قىسىملىرىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنى جاكارلايدىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-10-22
Share

كازافىينىڭ ساداقەتمەن قوشۇنلىرى  ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن تىركىشىۋاتقان ئاخىرقى شەھەر _ سىرتە شەھىرى  پەيشەنبە كۈنى ئازاد قىلىنغان. ھالبۇكى، كازافىينىڭ ھوقۇق ۋارىسى دەپ قارالغان سەيفۇلئىسلامنىڭ يارىلانغاندىن كېيىن، قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ لېۋىيىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت دەپ قارالماقتا.

شەنبە كۈنى ئۆتكۈچى ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى مەھمۇد جىبرىل لىۋىيە ئازاد بولغاندىن كېيىنلا ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ۋە ئۆتكۈچى ھۆكۈمەتنىڭ لېۋىيىدە سايلام ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن تارقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لېۋىيىدە ئۇزۇنغا قالماي ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، يېڭىدىن ھۆكۈمەت تەشكىللىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت