لىۋىيىدىكى ئىسيانچىلار پايتەخت ترىپولىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالدى
2011.08.22
ئەنگلىيىنىڭ سىكاي تېلېۋىزىيىسىنىڭ نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىشىچە، ئىسيانچىلارنىڭ تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمى داۋامىدا، كازافىينىڭ ئوغۇللىرى ۋە مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرى تەسلىم بولغان. ئىسيانچىلار، پايتەختتە كازافىينىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ يېشىل بايرىقىنى يېقىتىپ، ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ئۈچ رەڭلىك بايرىقىنى قادىغان.
پايتەخت ترىپولىدىكى ئاھالىلەر تۈنۈگۈن شەھەر كوچىلىرىغا توپلىنىپ، ئىسيانچىلارنىڭ غەلىبىسىنى تەنتەنە قىلغان ۋە كازافىينىڭ رەسىملىرىنى كۆيدۈرگەن.
نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزىنىڭ ھەرگىز تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن كازافىي، ئەمدى پوزىتسىيە ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ ئىسيانچىلار بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما كازافىينىڭ قەيەردە مۆكۈنۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. پايتەختنى قولغا چۈشۈرۈشتە ئىسيانچىلار بىلەن ھەمكارلاشقان ناتو قىسىملىرى قوماندانىنىڭ ئاخبارات ساھەسىگە بىلدۈرۈشىچە، كازافىينىڭ تۇتۇلۇشى پەقەتلا بىر ۋاقىت مەسىلىسى.
لىۋىيىدە يۈز بەرگەن بۈگۈنكى غەلىبە، ئىسيانچىلارنى بۈگۈنگىچە توپىلاڭچىلار دەپ ئاتاۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان بىر نەتىجە ئەمەس، خىتاي ئىسيانچىلارغا ياردەم قىلغان ناتو قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆپ قېتىم تەنقىد قىلغان. ئىسيانچىلار ترىپولىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ پوزىتسىيە ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنىڭ لىۋىيە خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.