لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرى لىۋىيە پايتەخت ترىپولىغا 80 كىلومېتىر يېقىنلاپ كەلدى
2011.07.16
مەلۇم بولۇشىچە، قوزغىلاڭچى ئارمىيە غەربىي تاغلىق رايوندا ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان زو ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان ۋە كازافىي قىسىملىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇملىرىنى چېكىندۈرگەن. نۆۋەتتە ئۇلار لىۋىيە پايتەختى ترىپولىنىڭ جەنۇبىدىكى غەيرام يېزىسىنى ئىشغال قىلىش ۋە ترىپولىغا ئۇتىدىغان تاش يولىنى كونترول قىلىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.
جۈمە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى لىۋىيە قوزغىلاڭچى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلارنىڭ جاسارىتى ئاشقان.
ئامېرىكىنىڭ لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى تۈركىيىدە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم جۈمە كۈنى جاكارلىغان ئىدى.
ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان لىۋىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنغا 30 دۆلەت ئەربابلىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا لىۋىيە، سۈرىيە ۋە يەمەن قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ يول خەرىتىسىنى بەلگىلەش ھەمدە كازافينى ھوقۇقتىن ۋاز كەچتۈرۈش ئىستراتېگىيىسى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.
مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ئابدۇل ئىلاھ ئەل خاتىپ كازفىيغا ھوقۇقتىن ئايرىلىش شەرتلىرىنى يەتكۈزۈشكە تەيىنلەنگەن.
ئەمما، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىليام ھەيگ كازفىيغا شەرت قويۇش بىلەن بىرگە يەنە ھەربىي بېسىمنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.