خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئوقۇشلۇقىنى رەسمىي تارقاتتى

1 - سېنتەبىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەر يېڭى مەۋسۈملۈك ئوقۇش باشلىغان كۈنى. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر مەخسۇس ئوقۇشلۇق، بۈگۈن، يەنى 1 - سېنتەبىر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ يېڭى ئوقۇش باشلاش كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا تارقىتىپ بېرىلگەن.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇنىڭ بىلەن غۇلجىدىكى باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 63 مىڭ ئوقۇغۇچى ھەر ھەپتىدە مەخسۇس ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ناملىق مەزكۇر ئوقۇشلۇقنى ئۆگىنىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئوقۇشلۇق بۇ يىل 6 - ئايدا تۈزۈلۈپ بولغان بولسىمۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن دائىرىلەر مەزكۇر ئوقۇشلۇقنىڭ مەزمۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە دائىر مەزمۇنلارغىمۇ مەخسۇس بەت ئاجراتقان. ئوقۇشلۇق سىياسىي ئىدىيىۋى نەزەرىيە دەرسىدىن باشقا، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنغان ئىككى خىل مەزمۇندىن تەركىپ تاپىدىكەن.

مەزكۇر ئوقۇشلۇق خىتاي مائارىپ تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق پەنلەر تۈرىگە رەسمىي دەرسلىك قىلىپ كىرگۈزۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى دەرسلىكىنىڭ مەكتەپلەرنىڭ دەرس پروگراممىلىرىغا كىرگۈزۈلىشىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ئىدىيىۋى بېسىم تەربىيىسىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.