دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان مۇخبىرلار ئاساسەن سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە زور كۆپچىلىكى خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ سەتچىلىكلىرىنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا يەنە، خىتايدىكى ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنىڭ يېقىندىن بۇيان يەنە كۈچەيتىلگەنلىكى بايان قىلىنىپ، بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت خىتاي دۆلىتىدە پۇقرالارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشىغا يول قويۇلمىغانلىقى تەنقىدلەنگەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتى بولغان خەلق گېزىتى قارمىقىدىكى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ بۈگۈن 21-دېكابىر جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان «تور باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش خەلق رايىغا ئاساسەن بولغان » سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقى ئاقلىنىپ، خىتايدا تور ئابۇنتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى كۈچەيتكەنلىكى تەكىتلەندى.
خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان مۇخبىرلار ۋە تور يازغۇچىلىرى ئىچىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر مۇخبىرلىرى ۋە تور يازغۇچىلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلاردىن سىياسىي مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن ۋە مۇھەممەت ئابدۇللا قاتارلىق ئىككىيلەن مەركىزى نيۇيوركتىكى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ھەللمان-ھاممەتت نامىدىكى 2012-يىللىق خەلقئارا سۆز ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.