ئۇ 2012-يىلى ئىچىدە مۇخبىرلىق ۋىزىسىنى يېڭىلاش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم خىتاي دائىرىلىرىگە ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، جاۋاب ئالالمىغان ۋە نەتىجىدە دۈشەنبە كۈنى ئۇ «ۋىزىسى يېڭىلانمىغانلىقى» باھانىسى بىلەن خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. كىرىس بۇكلىي ھازىر ۋاقتىنچە ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە خوڭكوڭغا كەلگەن.
نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گېزىتنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىنى جاۋابسىز قويغان. گېزىتنىڭ ئالىي مۇھەررىرى جىل ئابرامسون بۈگۈنكى باياناتىدا، ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى بۇندىن ئىككى ئاي ئىلگىرى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئائىلە بىساتى ئاشكارىلانغان بىر ماقالىنى ئېلان قىلىپ زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدا گېزىت بىر يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ۋېن ئائىلىسىنىڭ 7.2 مىليارد دوللار قىممىتىدە بىساتى بارلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققان. خەۋەرلەردە، نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ۋىزىسىنىڭ يېڭىلانماسلىقى مانا مۇشۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالماقتا.
بۇ يىل 5-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ تونۇلغان مۇخبىرى مېلىسسا چېنگىمۇ ئوخشاش ئۇسۇل قوللىنىپ، ئۇنى خىتايدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى.