نەنجىن شەھىرىدە مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشكە قارشى نامايىش بولدى

خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭپاۋ گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، جاڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىن شەھىرىدە 9‏ - ئاينىڭ 8‏ - كۈنى 300 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇسۇلمانلارنى كەمسىتمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلدى. قوراللىق ساقچىلار نامايىشچىلارنى قاتتىق نازارەت قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاق دوپپا، ئاق كېيىم كېيىپ نەنجىن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا كەلگەن بىر نەچچە يۈز كىشىنىڭ، مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى 5 سائەت داۋام قىلدى. ئۇلار 'ھۆكۈمەت سەمىمىي بولۇشى كېرەك'، 'مۇسۇلمانلارنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك' دەپ شۇئار توۋلاپ تۇردى.

خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە خىتايلار 'ئۇيغۇرلار يىڭنە سانجىدى' دەپ نامايىش قىلغاندىن كېيىن، جياڭسۇ قاتارلىق بىر قانچە ئۆلكىدە، خىتايلار مەسچىتلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ يەپ - ئىچىپ، چۇقان سېلىپ، رامىزاننى مەسخىرە قىلىدىغان، كوچىلاردا تاكسىلار مۇسۇلمانلارنى رەت قىلىدىغان ۋەقەلەر كۆپ كۈرۈلگەن.