فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نوبېل كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى لۇندىستاد بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ ناھايىتى ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ئەگەر لۇ شاۋبونىڭ ئائىلىسىدىن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالىدىغانلار چىقمىسا، پەقەت مۇراسىمنىڭ مۇكاپاتنى ساھىبىغا تاپشۇرىدىغان 2 - 3 مىنۇت ۋاقتى قىسقىرايدۇ" دېگەن.
نوبېل كومىتېتى مەسئۇلى بۇ سۆزلەرنى خىتاي، كۇبا، ئىران، ئىراق، رۇسىيە قاتارلىق 6 دۆلەت دۆلەت نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي تەكىتلىگەن. رۇسىيە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈنۈگۈن مۇراسىمغا خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن قاتناشماسلىق قارارىغا كەلگەنلىكىنى رەت قىلغان ئىدى.
نوبېل كومىتېتى بۇ يىللىق تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ليۇ شاۋبوغا بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئوسلودىكى ئەلچىخانىسى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوسلو ھەم بېيجىڭدىكى چەتئەل ئەلچىخانىلىرىغا خەت يېزىپ، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ بىلەن قالماي يەنە، ليۇ شاۋبونىڭ ئايالىنى نەزەربەند قىلىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن بىرەر كىشىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىغا ئىمكانىيەت بەرمىگەن ئىدى. لېكىن، خىتاينىڭ مۇراسىمنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەۋجۇت كۇبا، ئىرانغا ئوخشاش ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.