ئۆركەش دۆلەت چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكىدا يېڭى ھايات يولى تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى

تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن بىرى ئۆركەش دۆلەت ئەما خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدا يېڭى ھايات يولى تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن چىقىپ بېيجىڭدىكى بىر دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئامېرىكىغا كېتىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تەرەپ ئۇنىڭ ئامېرىكىغا ئوقۇش ئۈچۈن بېرىشقا پاسپورت ئىشلەپ بېرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىمۇ ئۇنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى قوبۇل قادالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىلسىمۇ، چېنغا ھازىرغىچە پاسپورت ئىشلەپ بېرىلمىگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆركەش دۆلەت، ئەگەر چېن ئامېرىكىغا كەلسە يېڭى رىقابەتلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆركەش دۆلەت 1989-يىلدىكى «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتى» نىڭ غوللۇق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ۋەقە قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇمۇ مەخپىي يوللار بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ بىر مەزگىل پاناھلانغان ئىدى.

ئۇ چەتئەلدە سۈرگۈندە ياشاش ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ: سۈرگۈندە ياشاش ئاسان ئەمەس، دېدى.

ئۆركەش دۆلەت يەنە مۇنداق دېدى: سۈرگۈندە ياشىغاندا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ، بولۇپمۇ بۇ روھىي جەھەتتىن بەك قېيىنغا چۈشىدۇ.

چېن گۇاڭچېڭ مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، چېننىڭ كېيىنكى تەقدىرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.