ئاتا - ئانىلاردىن پەرزەنتلىرىنى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن توسۇشنى تەلەپ قىلىندى
2013.02.13
«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غۇلجا ناھىيىسى سامىيۈزى يېزىسى دائىرىلىرى مەكتەپلەرگە بۇ ھەقتە چۈشۈرگەن ئۇقتۇرۇشتا «خىتاي ئاساسىي قانۇنى» ۋە «مائارىپ قانۇنى» دىكى دىنغا ئالاقىدار ماددىلار قايتا تەكىتلەنگەن.
ئۇقتۇرۇشتا «خىتاي ئاساسى قانۇنى» دىكى «دىننىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا دەخلى قىلىشىغا يول قويماسلىق»، «مائارىپ قانۇنى» دىكى«دىننى مائارىپتىن يىراقلاشتۇرۇش» قاتارلىق ماددىلار قايتا شەرھلەنگەن.
ئۇقتۇرۇشتا ئاساسلىقى ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۆزى بەلگىلەپ تارقاتقان «ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇرئان كۇرسىغا قاتنىشىشى، قۇرئان - تەبلىغ ئاڭلىشى ۋە روزا تۇتۇشى قاتتىق چەكلىنىدۇ» دېگەن بەلگىلىمە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى دىنىي پائالىيەتلەردىن ئۈنۈملۈك چەكلەش ئۈچۈن، تەتىل مەزگىلىدىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە يىغىش، روزا ۋاقىتلىرىدا مەجبۇرىي تاقام يېگۈزۈش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورناتقان ئىدى.