ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇتەخەسسىسلىرى رايوندىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمدە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە يىغىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئورتاق نىشانى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، پاكىستاندا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي قالايمىقانچىلىق شۇنىڭدەك رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئېنىرگىيە ئىستىراتېگىيىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

مەزكۈر مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە، خىتاينىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتتە، بولۇپمۇ تېررورچىلىق ۋە ئۈچ خىل كۈچلەرگە ئورتاق زەربە بېرىشتە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن مۇتەخەسىسىسلەر ۋە خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ پروفېسسورلىرى ھەمدە پەن - تېخنىكا تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان.

خىتاي دائىرىلىرى، 11 ‏ - سېنتەبىر تېررورلۇققا زەربە بېرىش كۈرىشىدىن كېيىن، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى تېررور نىشانى قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ بېكىتىپ، بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.