ۋاڭ فۇجىڭدا ئۆزىگە ئوت قويغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە

رويتېرس ئاگېنتلىقى 26 ‏ - فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىدە، بېيجىڭنىڭ ۋاڭ فۇجىڭ كوچىسىدا ئۆزىگە ئوت قويغان 3 كىشىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ۋە ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009-02-26
Share

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا يېقىن ۋاڭ فۇجىڭ كوچىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزىگە ئوت قويۇش ۋەقەسىدە، 59 ياشلىق ئەر بىلەن 58 ياشلىق ئايالنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ 28 ياشلىق ئوغلىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماشىنا نومۇرى بېكىتىلگەن كۈلرەڭ ماشىنىنى قاتناش قائىدىسى سەۋەبىدىن توختاتقاندا، ماشىنا ئىچىدە ئولتۇرغان 59 ياشلىق ئەرنىڭ دەرھال ئۆزىگە بېنزىن تۆكۈپ ئوت قويغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ ھەقتە ھەر خىل خەۋەرلەرنى تارقاتقان بولۇپ، بەزىلىرى 3 كىشىنىڭ بىرىنىڭ نەق مەيداندا ئۆلگەنلىكىنى، يەنە بەزىلىرى ئۇلارنىڭ تىبەت ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ غەززە رايونىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت