ئىراقتىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىك ھۇجۇم 13 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراق ھۆكۈمەت تەرەپ ئىراقنىڭ سۈننىيلەر كۆپ جايلاشقان رامادى شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا يۈزبەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 13 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالتە نەپەر ساقچىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ پارتلاشتا يەنە 20 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. ھۆكۈمەت تەرەپ مەزكۇر ھۇجۇمچىنىڭ ئۆزىگە بومبا تېڭىپ، ھۆكۈمەت بىناسىنى قوشۇپ پارتلىتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق بومبا ئالدىن پارتلاپ كەتكەن.

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئىراقتىكى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇملىرى بۇرۇنقىغا قارىغاندا، بىر قەدەر ئازلىغان بولۇپ، ئىراق جەمئىيىتىدە خاتىرجەملىكنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا ئىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىراق ساقچى دائىرىلىرى رامادى شەھىرىدە بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماشىنىنى سېزىپ قېلىپ، ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئالغان.

بۇ ئارىدا ئىراق باش مىنىستىرى مالىكى ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەش ۋاقتىنى بىر ھەپتىگە كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەسلىدە ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتى 15-دېكابىر كۈنى رەسمىي تەشكىللىنىشى كېرەك ئىدى.