پاكىستان چارشەنبە كۈنى ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.04.25
2012.04.25
بۇ، ھىندىستاننىڭ «ئاگنى 5» بەلگىلىك بەش مىڭ كىلومېتىر مۇساپىلىك، بېيجىڭ، شاڭخەيلەرنى قارىغا ئالىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا قارىتا قايتۇرۇلغان ئىنكاس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەھلىلچىسى، پېنسىيىگە چىققان گېنېرال تالات مەسئۇتنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستان بۈگۈن سىناق قىلغان «شاھىن 1ئا» بەلگىلىك ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتوم ئوق ئۇچى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان، ئىككى مىڭ بەش يۈز-ئۈچ مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپە ئىچىدىكى نىشانلارغا-پاكىستان بىلەن ھىندىستان توقۇنۇشىدىكى ھەر قانداق جايغا زەربە بەرگىلى بولىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە.
ھىندىستان تەھلىلچىسى چاكنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستاننىڭ ھازىر، دۇنيادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى مۇداپىئە سىستېمىسىغىمۇ ئىگە بىر نەچچە دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى بىر پاكىت.