پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى بىڭتۇەن بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى

پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى بىڭتۇەن بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى. خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەر تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن يېقىندا شاڭخەيدە تۈزگەن ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنىڭ بىرى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى بولۇپ، بۇ كېلىشىمىنى پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى خىتاينىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى (بىڭتۇەن) نىڭ تيەنيې گۇرۇھى ئىمزالىغان. بىڭتۇەن سەككىزىنچى دىۋىزىيە 149‏ - پولك ھازىر پاكىستاندا مۇلازىمەت باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-02-25
Share

پاكىستاننىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە يېمەك تەتقىقات ئورگانلىرى پاكىستان خەلقىغە، بىڭتۇەننى 'شىنجاڭنىڭ كۆمۈر، نېفىت، تۇز، ھاك تېشى قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش، يېزا ئىگىلىكىدە تېرىقچىلىق، رەڭلىك پاختا ئۆستۈرۈش، يېمەك ئىشلەش، سۇ تېجەش تېخنىكىسى جەھەتتە غەرب ئەللىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان ئەڭ ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە ئورگان' دەپ تونۇشتۇرغان.

بىڭتۇەن ھازىر پاكىستان بىلەن تۈزگەن بۇ كېلىشىمنى ئىنتايىن ياخشى باشلىنىش دەپ قارىماقتا.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت