پاكىستاندا خىتاي ھەمكارلىقىدىكى ئىككىنچى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ئېچىلدى

پاكىستان دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن بىرلىكتە قۇرغان ئىككىنچى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى بولغان چەشمە-2 'نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ چەشمە رايونىغا قۇرۇلغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.05.12

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەەر قىلىشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى يۈسۈپ گىلانى سۆزىدە «بۈگۈن پاكىستان ۋە پاكىستاننىڭ خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنېرگىيە پروگراممىسى ئۈچۈن بىر شەرەپ كۈنى. بۇ ھەم پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ يادرو ئېنېرگىيە تېخنىكىسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنىڭ يەنە بىر يارقىن ئۈلگىسى» دېگەن.

پاكىستاننى توك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن خىتاي ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزكۇر يادرو قۇرۇلۇشى ھىندىستان ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ گۇمانىنى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا مەزكۇر يادرو ئىستانسىلىرىنىڭ ئافغانىستانغا چېگرىداش بولغان پاكىستاندىكى تالىبان كۈچلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

چەشمە-2نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پاكىستان باش مىنىستىرى گىلانىنىڭ كېلەر ھەپتە خىتايغا ئېلىپ بارىدىغان 4 كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنىڭ ھارپىسىغا ۋە شۇنداقلا ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى بىن لادېننىڭ پاكىستاندا ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبلىك پاكىستان، ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.

گىلانى ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى قاتتىق تەكىتلەپ: «بۇ ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى تاماملاش ئىككى دۆلەت ۋە ئۇنىڭ خەلقلىرى ئارىسىدا تېخىمۇ يۈكسەك سەۋىيىلىك شۇنداقلا ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق سىنالغان دوستلۇقنى ئاساس قىلىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.