پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۆمەرجاننىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مەكتەپتە نۆۋەتتە 15 ئوقۇغۇچى بولۇپ، بۇندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى، ۋە مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئىككىنچى قەدەمدە پاكىستاننىڭ گىلگىت شەھىرىدە بىر سىنىپ ئاچىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئىچىدىكى ئۆسمۈر ۋە ياشلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشى ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەينى ۋاقىتتا، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ بىر ھەيئەت ئەزاسى بولغان ئۆمەرجان، مەكتەپ ئېچىشتىكى مەقسىتىنى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا تەشكىلىي مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈش، بۇ ئارقىلىق، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىكىدىكى مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەتكە ئاكتىپ قاتناشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە، پاكىستاندا 400 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىسى بولۇپ، 1950 - يىللاردىن كېيىن پاكىستانغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن. ئۇلار پاكىستاننىڭ راۋالپىندى، كاراچى، ئىسلام - ئاباد ۋە گىلگىت قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.