بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسلامئابادتىن خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەت قارىلىغۇچىسى چاۇدۇھري زۇلپىقار مۇخبىرلارغا مۇشەررەپنى تۇتۇش ئۈچۈن قايتا تۇتۇش رۇخسەت نامىسى چىقىرىشنىڭ بىھاجەت ئىكەنلىكى، پاكىستان ئالىي ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، مۇشەررەپنىڭ باياناتچىسى فاۋاد چاۇدۇرى تۇتۇش بۇيرىقىنىڭ قانۇنىي قىممىتى يوقلۇقىنى ھەمدە بۇ تۇتۇش بۇيرۇقىغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇتتۇ 2007 - يىلى پاكىستاندا سايلام پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئەينى چاغدا مۇشەررەپ بۇتتۈنى پاكىستان تالىبانلىرى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. مۇشەررەپ 2008 - يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلانغاندىن بۇيان لوندون ۋە دۇبەي قاتارلىق شەھەرلەردە ياشاپ كەلمەكتە.