ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىش ئۈچۈن يەنە بىر تۈركۈم خىتاي كۆچمەنلىرى كەلمەكچى

خىتاي دائىرىلىرى خېنەن، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشا، شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەردىن يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ئىشچىلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پاختا تېرىشقا ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بۇ يىل كېلىدىغان خىتايلارنىڭ سانى ئېنىق دېيىلمىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.08.28

ئەمما، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل رايوندىكى پاختىلارنى يىغىۋېلىشقا 450مىڭ نەپەر ئىشچى قوبۇل قىلىشنى ئۇقتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 17-ئىيۇلدىن 23-ئاۋغۇستقىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىپ پۇل تېپىشقا كەلگەن دەسلەپكى تۈركۈمدىكى خىتاي ئاققۇنلارنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئاشقان. پەقەت 23-ئاۋغۇست كۈنىلا خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن 2 مىڭ نەپەر خىتاي ئىشچى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىغا كىرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت پۇرسەتلىرىنىڭ كەملىكىنى ئىگىلىرى سۈرۈۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي شەھەرلىرىدىن يەنە كۆپلەپ خىتاي ئاققۇنلىرىنى يۆتكەپ كېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە ھەر خىل ناملاردا شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى تېزلىتىپ، رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.