خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ نۇر سۇلتان نازەربايىفقا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ يەنە قايتىدىن سايلانغانلىقىنى قىزغىن ئالقىشلىدى ۋە نۇر سۇلتان نازەربايېف رەھبەرلىكىدىكى 19 يىل ئىچىدە تىكلەنگەن خىتاي-قازاق دوستلۇقى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ دېدى.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۈگۈن قازاقىستاننىڭ پرېزىدېنت سايلىمىنى نورمال ئەمەس دەپ تەنقىدلىدى. شۇنداقلا، قازاقىستاننى كۆپلەپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. ئەمما، شىنخۇا ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، نۇر سۇلتان نازەربايېفنىڭ مەسلىھەتچىسى يېرمۇقاممەت يېرتېسبايېف خەلقئارانىڭ قازاقىستاننىڭ پرېزىدېنت سايلىمى ھەققىدىكى تەنقىدىنى رەت قىلغان.
ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇرۇشلۇق ب ب س مۇخبىرلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قازاقىستاندىكى دېموكراتىك ئىسلاھات ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن كۆپ ئارقىدا. خەلق نۇر سۇلتان نازەربايېف بىلەن مۇقىملىقنى ساقلاش دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسى بىر دەپ قارايدۇ.
قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پرېزىدېنت سايلىمى، خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئەركىنلىك ۋە ئادالەتتىن خالى ھالدىكى سايلاملارغا ئوپمۇ ئوخشاش.
