خىتاي دائىرىلىرى ئەمدىلىكتە قەشقەرنى «مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنىڭ بۆشۈكى» قىلماقچى

قەشقەردىكى قەدىمىي شەھەر قۇرۇلۇشلىرىنى «يەر تەۋرەشكە چىدامسىز» دەپ چېقىپ تۈزلەپ بولغان خىتاي دائىرىلىرى ئەمدى قەشقەرنى خەلقئاراغا ئېچىپ، مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنىڭ مەركىزى ھالىغا ئەكېلىشنى پىلان قىلماقتا.

بۈگۈن سىنگاپوردا چىقىدىغان ت ت گ ئاسىيا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەرنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن شۇگۇاڭ ھازىر سىنگاپوردا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا «قەشقەر خەلقئارا ساياھەتچىلىك يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. بىز ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق قەدىمىي يىپەك يولىنى تىرىلدۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەن. ئۇ، قەشقەر شەرقنى غەربكە تۇتاشتۇرىدىغان كۆزنەك ۋە كۆۋرۈك. ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ھەتتا شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغا ناھايىتى قىسقا مۇساپىلىك ئۇچۇشلار بىلەنلا ئۇلاشقىلى بولىدىغان قەشقەر، قەدىمىي بىر مەركىزى شەھەر دەپ تەرىپلىگەن.

مەزكۇر گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن سىنگاپوردا بىر قانچە مۇھىم ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى بىلەن قەشقەر بىلەن سىنگاپور، خوڭكوڭ، دۇبەي ۋە پارىژ ئارىلىقىدا ھەپتىدە بىر قېتىم ئايروپىلان ئۇچۇشلىرىنى يولغا قويۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان. قەشقەر بىلەن خوڭكوڭ ۋە سىنگاپور ئارىلىقىدىكى ئۇچۇشلار بولسا بۇ يىل يازدا باشلىنىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، قەشقەرگە ھەر يىلى كېلىدىغان ساياھەتچىنىڭ سانى ئىككى مىليوندىن ئاشىدىكەن. ئەمما قەشقەرنى مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنىڭ بۆشۈكى قىلىشنى پىلان قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى يىللاردا قەشقەردىكى قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنى «ب د ت غەيرىي مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش كومىتېتى-يۇنېسكو» نىڭ ئېتىرازىغا قارىماي چاققان ئىدى.