قەشقەردىكى قۇرۇلۇش ئىدارىسى ئەمەلدارى سۈپەتسىز ئۆيلەر ھەققىدە زىيارەت قىلغۇچى مۇخبىرنى ھاقارەتلىدى

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، رادىئو مۇخبىرى سۈن جەنجۇڭ 9-ماي كۈنى ئۆزىنىڭ بلوگىدا قەشقەر شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ مەمۇرى ئىشلار ئىشخانا باشلىقى خو مېينى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئېغىر ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ئاۋاز لېنتىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئەمەلدارغا مەمۇرى چارە كۆرۈلگەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.05.10

مۇخبىر سۈن جەنجۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ قەشقەردە يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قەشقەرگە بارغان.

سۈپەتسىز سېلىنغان ئۆيلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، 4- ماي كۈنى قەشقەر شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ مەمۇرى ئىشلار ئىشخانا باشلىقى خو مېينى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن سۈپەتسىز ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەمما مۇخبىرنىڭ سوئالىدىن غەزەپلەنگەن خو مېيى، مۇخبىرنى ئەپسانە تىللار بىلەن ھاقارەتلىگەن ھەم قوغداش خادىملىرىغا مۇخبىرنى ئىدارىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىش ھەققىدە بۇيرۇق قىلغان.

مۇخبىر سۈن جەنجۇڭ ئۆزىنىڭ زىيارەت جەريانىدا ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەقەنى 4- ماي كۈنى كېچىدە ئۆز بلوگىدا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغالغان.

ئەمما قەشقەر شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى ۋەقەگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

بېزىلەر تور بېتىدە بۇ ۋەقەنىڭ راستلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، مۇخبىر سۈن جەنجۇڭ ئۆز بلوگىدا قەشقەر شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى خو مېينىڭ ئۆزىنى ھاقارەتلىگەن سۆزلىرى ئېلىنغان ئۈن ئالغۇ لېنتىسىنى 9-ماي كۈنى ئەتىگەندە ئاشكارىلىۋەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈن ئالغۇ لېنتىسى توردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىنلا،قەشقەر شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى خو مېيغا مەمۇرى جەھەتتىن چارە كۆرۈلگەنلىكىنى مۇخبىر سۈن جەن جۇڭغا ئۇقتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغان. خو مېيمۇ خوتەنگە ماڭغان مۇخبىر سۈن جەنجۇڭدىن تېلېفوندا ئەپۇ سورىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرىدىكى ئەخلاقىي ئۆلچەم قارىشى ئۈزلۈكسىز تۆۋەن بولۇپ، ئىلگىرى رادىئومىز مۇخبىرلىرىمۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ قوپاللىق بىلەن زىيارەتنى رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.