قىرغىزىستاندا 47 نەپەر ئۇيغۇر تىجارەتچى قىرغىز ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىدى

قىرغىزىستاندىكى بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 47 نەپىرى قىرغىز ساقچىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتۇپ كېتىلىپ بىر كۈندىن بىرقانچە كۈنگە قەدەر يولسىز ھالدا سوراققا تارتىلغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.06.22

قىرغىز ساقچىلىرى سوراق داۋامىدا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى قانۇنسىز تىجارەت قىلىش بوھتانى بىلەن تەھدىت سالغان؛ ئەمما ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمىگەن.

قىرغىز ساقچىلىرىنىڭ قەستەن ئىش چىقىرىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر، ساقچىلارغا 100 دوللاردىن 500 دوللارغا قەدەر پارا بېرىش ئارقىلىق ئاۋارىچىلىكتىن قۇتۇلغان.

قىرغىز ساقچىلىرى 11 نەپەر تىجارەتچىنىڭ پاسپورتىغا قارا تامغا بېسىپ، ئۇلارنىڭ 5 يىلغىچە قىرغىزىستان چېگراسىدىن كىرىشىنى چەكلىۋەتكەن؛ ئارقىدىن يەنە قارا تامغىنى ئۆچۈرۈشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردىن يەنە پارا تەلەپ قىلغان.

بەزى تىجارەتچىلەر قىرغىزىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، قىرغىز ساقچىلىرىنىڭ يولسىزلىقلىرىنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ئەلچىخانىسىدىكىلەرنىڭ ھېچقانداق ھېسداشلىق ياكى ھىمايىسىگە ئېرىشەلمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.