قۇتۇبى 2-ئوتتۇرا مەكتىپىدە خىتاي ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئىككى ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىنى سىنىپقا قامىۋېلىپ ئۇردى

خىتاي توربەتلىرىدىن بىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە قۇتۇبى ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىككى ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىكى خىتاي ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار سىنىپقا قامىۋېلىپ ئۇرغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.05.21

مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىك ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىچە، ۋەقە ئىككى ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچى بىلەن خىتاي قىز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن گەپ تالىشىشتىن باشلانغان. قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ گەپ تالىشىشىغا ئارىلاشقان خىتاي ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئىككى ئۇيغۇر قىزنى سىنىپقا تارتىپ ئەكىرىپ، ئۇلارغا توپلىشىپ ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا خىتاي ئوقۇغۇچىلار سۈپۈرگە، توقماق ۋە ئورۇندۇقلارنىمۇ قوللانغان.

ۋەقەگە ئارىلاشقان ئوقۇتقۇچىلار خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپتىن چىقىرىۋەتكەن بولسىمۇ، خىتاي ئوقۇغۇچىلار سىنىپقا بۆسۈپ كىرىش ئۈچۈن، تەكرار-تەكرار ئۇرۇنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋەقەنى يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش يولىنى تۇتۇپ، ۋەقەنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە تارقىلىشىنى توسقان، ۋەقە سادىر قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ھېچقانداق جازا قوللانمىغان.

بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ 3-قېتىم ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىشىدۇر.

ئۆتكەن يىلى قاراماي ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا بولسا ئۈرۈمچى 20-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مىللىي توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.