قۇتۇبىدا ھۇن دەۋرىنىڭ مەدەنىيەت يالدامىلىرى تېپىلدى

قۇتۇبى ناھىيىلىك مەدەنىي يادكارلىقلانى قوغداش ئورنى يېقىندا، خىتايلار 'شىمېنزى سۇ ئامبىرى' دەپ ئاتاۋالغان جايدىكى دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان قىيالاردا، تۆت جايدا ساقلىنىپ قلغان قەدىمقى قىيا رەسىملىرىنى بايقىدى.

قۇتۇبىدا بايقالغان بۇ قەدىمقى زاماندىكى مەدەنىيەت يالدامىلىرىنى، خىتاينىڭ 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' مىلادىدىن ئىلگىرىكى يېغىلىق دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرى 700 ‏ - يىللاردىن 250‏ - يىللارغىچە بولغان دەۋر) دىكى قىيا رەسىملىرى دەپ ئاتاش ئارقىلىق، خىتاي تارىخلىرىدا ئەينى زاماندا بۇ زېمىننىڭ ھۇنلارنىڭ تېررىتورىيىسى دېيىلگەنلىكىنى، بۇ قەدىمقى مەدەنىيەت يالدامىلىرىنىڭ ھۇنلارنىڭ مەدەنىيەت يادكارلىقلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا تۈركىي خەلقلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋارسلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تەسۋىرلەپ كۆرسىتىشىچە، قۇتۇبىدا يېڭىدىن بايقالغان بۇ قىيا رەسىملىرىدە، يەرلىك خەلقنىڭ قەدىمقى زاماندىكى ئوۋچىلىق كۆرۈنۈشلىرى بار. رەسىملەردە ئوۋچىلارنىڭ، كېيىك - ئاقارلارنىڭ، بۇغا - ماراللارنىڭ ئوبرازلىرى يارىتىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭدا ئۆكۈز ئوبرازى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.